ياپونىيە 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەربىي خىراجەت خام چوتىنى ئاشۇردى
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.08
2013.01.08
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەربىي خىراجەت خامچوتىنى ئاشۇرۇشى بولۇپ، بۇ سان ياپونىيە ھەربىي خىراجىتىنىڭ 2% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.
خەۋەردە يەنە ياپونىيە، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلتۇردىن بۇيان ياپونىيە، خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكو ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار سۈركىلىشلەر، ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.