ئونودېرا: ياپونىيە كەلگۈسىدە تەھدىتكە قارشى ئالدىن قول سېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسونۇرى ئونودېرا، ياپونىيىنىڭ كەلگۈسىدە مەۋجۇت تەھدىتكە قارشى ئالدىن قول سېلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: قارشى تەرەپنىڭ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، تەھدىت جىددىي بولسا ۋە باشقا چارە قالمىسا، ياپونىيە قانۇنغا ئاساسەن دۈشمەن نىشانىغا زەربە بېرىشكە ھوقۇقلۇق، دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياپونىيىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو تەھدىتىگە قارشى ئالغان بۇ جەھەتتىكى تەدبىرى خىتاي ۋە شىمالىي كورىيىنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن.

ئونودېرا بۇ سۆزلەرنى شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن بىر پەيتتە قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەزگىل يەنە ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى سېنكاكۇ ياكى دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن پەيتتۇر.

ياپونىيىنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى باشقا دۆلەتكە ئالدىن قول سېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىشنى چەكلىسىمۇ، بىراق ياپونىيە يېڭى باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابې ئاساسىي قانۇندىكى بۇ خىل چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

بىراق ئونودېرا، ھازىر ئالدىن قول سېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش تەييارلىق خىزمىتىنى دەرھال باشلاش ۋاقتى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: بىزنىڭ رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنى دىققەت بىلەن كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، دېگەن.