خىتاي، ياپونىيىدىن 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى

خىتاي بۈگۈن، ياپونىيىدە ئېچىلماقچى بولۇۋاتقان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە تۇنجى قېتىم پىكىر بايان قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.04.09

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

رويترىس ۋە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باياناتچى سۆزىدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى-جۇڭگونىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن ۋە خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى بۇ ھەرىكەتكە قارشى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ مەيدانىنى مۇناسىۋەتلىك قاناللار ئارقىلىق ياپونىيىگە بىلدۈرۈپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى ياپونىيىدە 14-مايدىن 17-مايغا قەدەر ئېچىلىدۇ. 1- ۋە 2-قېتىملىق قۇرۇلتاي گېرمانىيىدە، 3‏-قېتىملىقى ئامېرىكىدا ئېچىلغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بۈگۈن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە قۇرۇلتاي ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىل ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.