ياپونىيىنىڭ ئىككى نەپەر پالاتا ئەزاسى خىتاي ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرماقچى

ياپونىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇكاياما ھەم ناگائو ئىسىملىك ئىككى نەپەر يۇقىرى پالاتا ئەزاسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاي ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيىدە چىقىدىغان سانكى گېزىتىنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى نەپەر يۇقىرى پالاتا ئەزاسى ياپونىيىدە ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بولۇپ، ئۇلار يېقىندا ياپونىيە پارلامېنتى ئىچىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 29 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قۇرغان «ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى ئەمەس ئىكەن.

ئەمما خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن يوڭخۇانىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 90 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىغا خەت يېزىپ، ياپونىيىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە يىغىن چاقىرىشىغا يول قويغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭلا نارازىلىقىنى قوزغاپ قالماستىن، ياپونىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرى تەرىپىدىنمۇ «ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيىنىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تەرىپىدىن، ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.