ياپونىيە ھۆكۈمىتى قورال ئېكسپورتىغا قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ بوشاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 27-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 35 يىلدىن بۇيان ياپونىيىنىڭ چەتئەللەرگە قارىتىلغان قورال ئېكسپورتىدا، ئىلگىرى ئەمەل قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان چەكلىمىلەرنىڭ بوشاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.12.27

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 1967-يىلى چەتئەللەرگە قارىتىلغان قورال ئېكسپورتىدا «كوممۇنىستلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرگە قورال ساتماسلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قورال سېتىپ بېرىش چەكلەنگەن دۆلەتلەرگە قورال ساتماسلىق، خەلقئارا جېدەل پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قورال ساتماسلىق» تىن ئىبارەت 3 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىشنى يولغا قويغان ئىدى. 1983-يىلى بۇ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ياپونىيىنىڭ ئۆزى بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقى بولغان دۆلەتلەرگە قورال ساتسا بولىدىغانلىقى تەستىقلانغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ياپونىيىنىڭ چەتئەللەرگە سېتىپ بېرىدىغان قوراللارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. ئەمما ياپونىيىدىكى«تىنچلىق كېلىشىمى» گە ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيە،گۇرۇھلار بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان قوراللارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇش قارارىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.