يادرو ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 2-رېئاكتورغا توك سىمى ئۇلانغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى رەسمىي توك بېرىلىپ سوۋۇشۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما رايونى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئاپەتتە مەزكۇر رايونغا جايلاشقان بىر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى زەخىمىگە ئۇچراپ، يادرو رېئاكتورى قىزىپ، پارتلاپ كېتىش خەۋپى تۇغۇلغان.
خەۋەرلەردە مەزكۇر رېئاكتوردىن ئاتوم رادىئاتسىيىسى ئېقىش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا، رېئاكتورغا قوشنا جايلاردىكى رادىئاتسىيە دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.