ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تۈنۈگۈندىن بۇيان ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ خەۋەر بېرىلدى. ئۇندىن باشقا، يوتۇب، فەيسبۇك، تېۋىتىر قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە يىغىنغا ئائىت سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى قويۇلۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر كۆپەيدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 24-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ 4-قۇرۇلتىيى 14-مايدىن 20-مايغىچە توكيودا چاقىرىلىدۇ. يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى 100دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتنىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ياپونىيە پارلامېنتىدىكى 20 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې باش مەسلىھەتچى بولغان ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن بايانلار بېرىلىپ، ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 23-ئاپرېل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا «ياپونىيىدە ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنى قۇرۇش ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىكى يولباشچىلىرىدىن مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق پېشقەدەملىرىمىزنىڭ بۇندىن 80 يىل ئىلگىرى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى» دېدى.