ياپونىيە باش ۋەزىرى خىتاينى ئارىدىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتماسلىققا چاقىردى

خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ ياپونىيە چارلىغۇچى كېمىسىنى رادار ئارقىلىق نىشانغا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاينى شەرقىي دېڭىز جىددىيچىلىكىنى يەنە ئۇلغايتماسلىققا ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى.

ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30-يانۋار خىتاينىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى سېنكاكۇ يەنى «دياۋيۈ» ئارىلى ئەتراپىدا ياپونىيىنىڭ چارلاش پاراخوتىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتە ئىشلىتىدىغان راداردا نىشانغا ئالغان.

باش ۋەزىر شىنزو ئابې چارشەنبە كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى باياناتىدا: بۇ، تولىمۇ خەتەرلىك ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگۈسىز ۋەزىيەتكە باشلاپ كىرىش خەۋپى يۇقىرى بولغان ۋەقە. خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىدىكى بۇنداق بىر ۋەقەنى سادىر قىلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق، دېدى.

ھالبۇكى، خىتاي تەرەپ بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكى، بۇنى پەقەت ئاخباراتتىن ئۇققانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋەقە ھەققىدە سورالغان سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇردى.

سېنكاكۇ ئارىلى ماجىراسى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بارغانچە ئۇلغايماقتا ئىدى.