ياپونىيە خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەردى
2012.05.11
رابىيە قادىر خانىمنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ياپونىيە ۋىزىسىنى جۈمە كۈنى قولىغا ئالغان. ئۇنىڭ يەكشەنبە كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ بارىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. خىتاي د ئۇ ق نىڭ 14-ماي توكيودا ئېچىلىدىغان 4-نۆۋەتلىك يىغىنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ياپونىيىگە دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي: بىز ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار. ئۇ جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان بۆلگۈنچى تەشكىلات، دېگەن.
رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى دەل ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىكو نودانىڭ بېيجىڭدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى مۇڭ-باك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش يولىدىكى قانۇنلۇق ھەرىكىتىنى خەلقئاراغا ئىلگىرىلەپ تونۇتۇشنىڭ ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
د ئۇ ق يىغىن جەريانىدا يەنە، ۋەكىللەرنىڭ توكيودىكى1930 ۋە 40-يىللىرى ياپونىيىگە كېلىپ ۋاپات بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر مازىرى» نى زىيارەت قىلىش، كەچلىك مەدەنىيەت پائالىيىتى، توكيودا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.