ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىدا،خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ياپونىيىگە ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ يېقىنقى 24 يىل ئىچىدە ھەربىي راسخوتىنى 30 ھەسسە كۆپەيتكەنلىكى بايان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتتا ئاشكارا بولمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن.