خىتاي ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىغا ئېتىراز بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەلۇماتلارنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلدى ۋە بۇ ھەقتە ياپونىيىگە رەسمىي ئېتىرازنامە تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2012-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسىدىكى خۇپىيانىلىك، تىنچ ئوكيان تەۋەسىدىكى ھەربىي تەرەققىياتىنى ئەيىبلىگەن ۋە مۆرىتى كەلگەندە ياپونىيىنىڭمۇ قاراپ تۇرمايدىغانلىقى، زۆرۈر تېپىلسا ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا خىتاينىڭ پەقەت نورمال دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ياپونىيىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى «ئاساسسىز» ۋە «مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان» دەپ رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي: بىز ياپونىيىگە كەسكىن باياناتنامە يوللىدۇق، دېدى.

بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىيلىك ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىككى قېتىم ئۈسۈپ كىرگەندىن بۇيان يەنە ئۇلغايغان ئىدى.