خىتاي ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنى تەنقىد قىلدى

بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى «ياپونىيىنىڭ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» دىكى بايانلارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر «ئاق تاشلىق كىتاب» تا، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ياپونىيە دېڭىز تەۋەسى ئەتراپىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي سېلىنمىلىرىغا ئېنىق بىر سەۋەب كۆرسەتمىگەنلىكىدەك ئامىللارنىڭ ياپونىيىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

خىتاي تاشىقى مىنىستىرلىقى بۈگۈن تور بېتىدە دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، «ياپونىيىنىڭ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» دىكى بۇ بايانلارنى «مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئېيتىلغان» دەپ تەنقىد قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەسى ئەتراپىدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبى دېڭىز، تىنچ ئوكيان، شەرقىي دېڭىزلاردىكى ھەربىي مەشىقلىرىنىڭ ياپونىيىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۇ مەزكۇر باياناتتا، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى ۋە ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ھېچبىر دۆلەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيىنى «ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشقا كۆپرەك كۈچەش» كە چاقىرغان.

خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان جەنۇبى دېڭىزنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىتلىشىشى بىلەن رايوندىكى ۋەزىيەت بىر مەھەل جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى.