14 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بۇ گۇرۇپپا خوڭكوڭدىن ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان سەنكاكۇ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان. خىتاي بېلىقچى كېمىسى ئارالغا يېقىنلاشقاندا ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە پاراخوتلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن 7 سى سۇغا سەكرەپ ئارالغا قاراپ ئۈزگەن ۋە ئارالغا خىتاي بايرىقى تىكىشكە ئۇرۇنغان.
خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى بۇ كىشىلەرنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر بۇ كىشىلەر ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن قانۇنسىز ئىش قىلمىغانلىقى قارارلاشتۇرۇلسا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتايلار دىياۋيۈداۋ دەپ ئاتايدىغان بۇ ئاراللاردا ياپونىيە، خىتاي ۋە تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلماقتا. يېقىندىن بۇيان ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئارال سەۋەبىدىن خېلى جىددىيلىشىپ قالدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى بۈگۈن ھەر ئىككى دۆلەتنى مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئەمما خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ۋە سەنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى قوشنا دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.