ياپونىيە باش ۋەزىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «مەيلى تارىخى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسۇن، ياكى خەلقئارا قانۇنى بەلگىلىمە بويىچە بولسۇن، سېنكاكو ئارىلى ۋە تاكوشىما ئارىلى ياپونىيىنىڭ زېمىنى، ياپونىيە ھازىرمۇ بۇ ئاراللارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.» دېگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ،«ئەسلىدىنلا ئاراللارنىڭ ئىگىدارچىلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس.
ئەگەر زۆرۈر بولسا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆز زېمىنى ھەم خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئارالنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىنىدۇ» دېگەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھەم كورىيىدە داۋاملىشىۋاتقان سېنكاكو ئارىلى ھەم تاكوشىما ئارىلىنىڭ ئىگىدارچىلىقى مەسىلىسىدە، ياپونىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىقلار كۆپەيگەن. بۇنىڭغا قارىتا ياپونىيىدىمۇ نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ بۈگۈنكى باياناتى ھەققىدە توختالغان ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ باياناتى 59 يىلدىن بۇيان ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئارال مەسىلىسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىشى. بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن ئىگىدارچىلىقى مەسىلىسىدە دۆلەت ئىچىدە بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئالغان قارارى» دېدى.