مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە باش ئەلچىسى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4 ئەتراپىدا سىرتتا ئىش بېجىرىپ، ئاپتوموبىلى بىلەن ئەلچىخانىغا قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا، تۆت كوچا دوقمۇشتىكى قىزىل چىراقتا توختىغان. بۇ چاغدا ياندىكى ئاپتوموبىلدىكى بىر خىتاي سەكرەپ چۈشۈپ باش ئەلچىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىدىكى ياپونىيە دۆلەت بايرىقىنى يۇلۇپ ئېلىپ مېڭىپ كەتكەن.
ياپونىيە باش ئەلچىسى بۇنى بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي تەرەپكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ياپونىيە باش ئەلچىسىدىن ئەپۇ سورىغان. خىتاي تەرەپ باياناتىدا، ۋەقەدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ تۈر ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى سەنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى جىددىيلىشىپ ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كېلىپ چىققان ۋە بۇ ھەرىكەتلەر تېخى بېسىقمايۋاتقان ئىدى.