ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي بىلەن تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان
2012.09.05
ياپونىيە «كيۇدو» ئاخبارات ئاگېنتلىقى، «يۇمۇرى شىنبۇن» ۋە «ئاساشى شىنبۇن» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىدىكى 5 ئارالدىن 3 ئارالنى ياپونىيە كۇرىخارا ئائىلىسىدىن 26 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان.
بۇ يىل 4-ئايدا توكيو شەھەر باشلىقى شىنتارۇ ئىشىخارا، سېنكاكۇ ئاراللىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى باشلاپ، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. د ئۇ ق نىڭ بۇ يىل 5-ئايدا توكيودا چاقىرىلغان 4-قېتىملىق قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئارال سېتىۋېلىشقا پۇل ئىئانە قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىلەپ ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: دياۋيۈ ئارىلىنى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىش جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەنلىك، دېگەن. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: جۇڭگو ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. ئۇ بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىچكى كابىنېت باش كاتىپى ئوسامۇ فۇجىمورا، ئارالنىڭ ئىگىسى كۇرىخارا ئائىلىسى بىلەن داۋاملىق سودىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.