خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە سېنكاكۇ ياكى دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ياپونىيىنى تەنقىد قىلغان ۋە ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى جۇڭگودىن تارتىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ياپونىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى كازۇ كوداما ياڭ جيېچىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن سۆزگە چىقىپ، خىتاي تەرەپنىڭ سۆزىنىڭ ھېچقانداق مەنتەقە ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ياڭ جيېچى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «دياۋيۈ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنى. شۇڭا جۇڭگونىڭ بۇ ئاراللاردا ھېچقانداق تالاش-تارتىشسىز ئىگىلىك ھوقۇقى بار. ياپونىيە بۇ ئاراللارنى 1895-يىل جياۋۇ ئۇرۇشىدا تارتىۋالغان» دېگەن ئىدى.
بىراق كازۇ كوداما «ياپونىيە سېنكاكۇ ئارىلىغا ئىگىدارچىلىق قىلغاندا، بۇ ئارال خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا ئەمەس ئىدى. شۇڭا خىتاينىڭ پىكرى مەنتەقە جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى باۋدوڭ سۆزگە چىقىپ، كودامانىڭ سۆزلىرى «تارىخنى بۇرمىلىغانلىق، بۇ بىر مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. جۇڭگو بۇ مەسىلىدە ھەرگىز يول قويمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ياپونىيە ۋەكىلى بولسا بۇ ئاراللار «ياپونىيىنىڭ تەبىئىي زېمىنى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەن. لى باۋدوڭ كوداماغا ھۇجۇم قىلىپ، «ياپونىيىنىڭ تارىختىكى تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىدىن ئۇنىڭ ھېچقانداق نومۇس قىلمايۋاتقانلىقىنى» تەكىتلىگەن. كوداما لى باۋدوڭغا رەددىيە بېرىپ، ئۇنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى پەش قىلىشى «شۈبھىلىك ۋە پايدىسىز» دەپ كۆرسەتكەن.