ياپونىيە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى

2-ئۆكتەبىر 4 دانە خىتاي پاراخوتى ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى سېنكاكۇ سۇ تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، ياپونىيە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىز تەكشۈرۈش پاراخوتلىرى سېنكاكۇ تەۋەلىكىدىن 3-ئۆكتەبىرگىچە مىدىرلىمىغان.

گەرچە ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى خىتاي پاراخوتلىرىغا زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ خېلى جىددىي بولغانلىقى مەلۇم.

چارشەنبە كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپكە رەسمىي ئېتىرازنامە تاپشۇرۇپ، خىتايدىن بۇ ئىشقا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

يېقىنى ئايلاردىن بۇيان سېنكاكۇ مەسىلىسى خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.