سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئىككى خىتاي كېمىسى بايقالغان

ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، شەنبە كۈنى تالاش تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئىككى خىتاي كېمىسىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ، بۇ يىل سېنتەبىردە سېنكاكۇ ئارىلىدا كېمە ۋەقەسى كېلىپ چىققان كېيىن، تۇنجى قېتىم خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا بايقىلىشى.

ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى ياپونىيە سۇ تەۋەلىكىگە كىرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر رايونغا كېلىشكە ھەققى بارلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ يىل 7 سېنتەبىردە بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا كىرگەن ۋە مەزكۇر جايدىكى ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ كېمىسىگە سوقۇلغان.

ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچىلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ۋەقە ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرگەن ئىدى.