ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى فۇجىمۇرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە خىتاينىڭ دېڭىز باشقۇرۇش دائىرىلىرىگە تەۋە بىر ئايروپىلانىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئىشقا سالغان.
بۇ ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ياپونىيىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى بولۇپ، ياپونىيە دائىرىلىرى مەزكۇر ئايروپىلاننى شۇ جاي ۋاقتى 11:00 ئەتراپىدا بايقىغان. بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە دائىرىلىرىمۇ ھۆكۈمەتكە خىتايغا تەۋە پاراخوتلارنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن جايلاردا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىكەن. باياناتچى فۇجىمارا خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنى «تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھەرىكەت» دېگەن ۋە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سېنكاكۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ رايوندا ئۇچۇشى ئىنتايىن نورمال بىر ئەھۋال، دېگەن.
تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز رايونى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشتىن سىرت، ئۇنىڭدا مول نېفىت زاپىسى بارلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ئاراللاردىكى ھوقۇق كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە. ياپونىيىدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھۆكۈمەت سايلىمىغىمۇ سېنكاكۇ مەسىلىسىنىڭ زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.