بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، تارو ئاسو ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا 'بىز ئىقتىسادى مەسىلىگە، بولۇپمۇ ئۇششاق ۋە ئوتتۇراھال تىجارەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىمىز بىلەن ئافغانىستاندا ياكى پاكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر شارىدىكى تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش قىلىمىز' دېگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تارو ئاسو ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، داڭلىق ئوڭچىلاردىن تاكېئو كاۋامۇرانى كابىنېت سېكرىتارلىقىغا، خىتايغا قارشى شىددەت بىلەن تەنقىد ياغدۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشھۇر بانكىچى شويچى ناكاگاۋانى مالىيە مىنىستىرلىقىغا، ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتكەن ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى ياسۇكازۇ خامادانى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا، كابىنىتتا ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ ئىچىدىن ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرىغا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان 34 ياشلىق يۇكۇ ئوبۇچىنى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان.