ئاقسۇدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ "پاتپاراقچىلىقتىن يارىلىنىش ۋەقەسى" ئۇيغۇر رايونىدىكى رايونلۇق رەھبەرلىك قاتلىمىنى جىددىيلەشتۈرگەن

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 5 ‏- باشلانغۇچ مەكتىپىدە پاتىپاراقچىلىق سەۋەبىدىن يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 41 نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانفان

بىر قىسىم خىتاي مەتبۇئاتلىرى تۈنۈگۈن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 5 ‏- باشلانغۇچ مەكتىپىدە پاتىپاراقچىلىق سەۋەبىدىن يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 41 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپرىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا، پەلەمپەي تۇتقۇچى قايرىلىپ كەتكەنلىكتىن بۇ يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پاتپاراقچىلىق پەيدا بولۇپ 41 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان. خەۋەردە ۋەقەنىڭ سەۋەبى شۇنداق ئاددىي كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر دائىرىلەر ۋەقەنىڭ جەريانىنىڭ ئاممىغا ئاشكارىلىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسماقتا.

دائىرىلەر يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقەگە ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ، جىددىي شەكىلدە قۇتقۇزۇش ۋە ئالدىن ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بۈگۈن ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم مەخسۇس مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ھەققىدە جىددىي يىغىن ئېچىپ ۋە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، رايوندىكى بارلىق مەكتەپلەرنى مەكتەپ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈشكە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان. ئۇقتۇرۇشغا يەنە، ئاقسۇدىكى پاتپاراقچىلىق ۋە يارىلىنىشتىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئاقسۇدىكى مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي خەۋەرلىرىدىكى تەپسىلاتى بىلەن رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ جىددىيچىلىكى ئارىسىدىكى زىتلىق مەزكۇر ۋەقەنىڭ سەۋەپ - نەتىجىلىرى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلماقتا. مەزكۇر مەكتەپ، ئاقسۇدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىن بىرىدۇر.