تور بېتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ بەتنى ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەسىس قىلغان.
تور بېتى ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، تور بېتىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرى بېرىلگەن.
بەت ھەققىدىكى ئىزاھاتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر بەتكە تۆھپە قوشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇلغان ۋە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەن.
تور بەتتىكى يازمىلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقە-ھادىسىلەر ئۇيغۇرلا يولۇقۇۋاتقان رىقابەت-كرىزىسلار باش تېما قىلغان.