مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئۇلرىچ دېلىئوس ئىستانسىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ دەرھال خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، بۇنداق بىر شارائىتتا نۇرمەمەت ياسىننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنى، ئۇنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىگە ئائىت مۈجمەل ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاينى نۇرمەمەت ياسىن ھەققىدە رەسمىي بىر جاۋاب بېرىشكە قىستاشقا ئۈندىگەن.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى گېرمانىيىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلات ھەم يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن « ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. يېقىندا يازغۇچىنىڭ 2011- يىلى تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنىڭ تېخى ھاياتلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپتىن تېخى رەسمىي بىر جاۋاب كەلگىنى يوق.