رادىئومىز ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىگە كىرىدىغان بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىگە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلغان، ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ كىملىكى خاتىرىلەنگەن.
18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ھەم 30، 31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر«يىلپىز ئەترىدى» ناملىق ئالاھىدە ئەترەتنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆكتەبىر ئېيىغىچە زەربە بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 39 ئورۇنغا ئالاھىدە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.