خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «مىڭپاۋ» گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، خوتەندىن ئۈرۈمچىگە يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر جۈملىدىن سەپەرگە چىققان بارلىق ئۇيغۇرلار تېررورچىلاردەك مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خوتەندىن چىقىپ يەرمەنكە ئالدىدا قۇتىلىق يېمەكلىك تىجارىتىنى باشلىغان خوتەنلىك سودىگەر مەمتىمىن، بۇ قېتىم خوتەندىن چىققۇچە خىتاي ساقچى ۋە ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ يولدا نەچچە يەردە توسۇپ تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: ئۇلار مەن خۇددى تېررورچىدەك مۇئامىلە قىلدى ۋە كىنىشكىلىرىمنى تەپسىلىي تەكشۈردى.
بۈگۈن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى بىر قەدەر جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش نىشانى قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.