بۈگۈن خىتاي ئاۋىئاتسىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يەرمەنكە مەزگىلىدە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ۋە ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىكى تەكشۈرۈشلەر كۈچەيتىلگەن بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، ئايرودروم ئالاھىدە ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئايرودروم بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىللىق يەرمەنكە باشلىنىشتىن ئىلگىرى 30 كۈنلۈك يەرمەنكىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خادىملىرى ئوخشاشلا كوچا-كويلارنى نازارەت قىلىشقا ۋە شەھەر مۇھىتىنى ساقلاشقا چىقىرىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن خەۋپسىزلىك قىسىملىرىمۇ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، شەھەردىكى ھەرقايسى كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا قوراللىق ھالدا پوست تۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھەرقايسى ئېغىزلاردا كىرىپ چىققانلارنىڭ كىملىكلىرى ۋە سومكىلىرى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
2-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمى ئالدىنقى نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىن كۆپ چوڭ بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس 19 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ھەربىي ئاپتوموبىل، ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى ۋە ئادەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئوخشاش تۈرلۈك بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن خەۋەرلەردىن يەنە، ھازىر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم كۆزىتىلىۋاتقان كىشىلەرنى باشقا ياقلارغا كېتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ياقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەرنى يۇرتلىرىغا قوغلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.