شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن «بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىيلەر ۋە تېررورچىلار يەرمەنكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان ئىدى» دېگەن. لېكىن ئۇ كىمنىڭ، قاچان، قەيەردە، قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن.
جۇ خەيلۇن يەرمەنكىگە قارىتىلغان ھۇجۇم توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بۇ پەيت دەل پاكىستان پرېزىدېنتىنىڭ يەركەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىپ، ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقتى ئىدى.
خەۋەردە ساقچىلارنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا پىچاق ئېلىپ ئايروپىلانغا چىقماقچى بولغان بىر كىشىنى «ئايروپىلان ئۇچقاندا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا يەنە، بىردىن ئارتۇق كىشىنىڭ پىچاق ئېلىپ دىۋوپو ئايرودرومىدىن ئايروپىلانغا چىقماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان. بىراق دائىرىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى ۋە مەقسەت-مۇددىئاسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.
جۇ خەيلۇن «بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن بىر قانچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى» دەپ ئەسكەرتىپ، «ھېلىمۇ ياخشى ساقچىلار ۋاقتىدا قول سېلىپ، زوراۋانلىقنى بۆشۈكىدە توسۇپ قالدى» دەپ تەكىتلىگەن.
لېكىن يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى توسۇپ قېلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئىسمى ۋە ھېچقانداق ماددىي پاكىت ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل سىرلىق ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، دائىم كۆزىگە پاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.