غايىبلاردىن ئابدۇرېھىم سىدىقنىڭ ئايالى ئايشە، مۇختەر مەخەتنىڭ ئايالى تۇقىز ۋە يۈسۈپ تۇرغۇننىڭ ئانىسى قۇربانگۈللەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، 2-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىغا 5 نەپەردىن نازارەتچى قويۇلغان ۋە بۇ نازارەتچىلەر ئۇلارنى كۈندە 3 قېتىم نۆۋەت ئالمىشىپ 24 سائەت نازارەت قىلغان. نازارەتچىلەر مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرىنى ھەرقانداق يەرگە، ھەتتا ماگىزىنغا بېرىپ سودا قىلىشقا ئۆز ئالدىغا بېرىشىغا يول قويمىغان؛ نازارەتچىلەر ئۇلارنى ھەرقانداق يەرگە ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگىچە نازارەتچىلەر سىرتتا كۈتۈپ تۇرغان.
مەزكۇر ئائىلىلەرگە خۇددى جىنايەت گۇماندارىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇش ۋە روھىي كەيپىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. ئائىلىلەر بۇ خىل تەقىب قىلىنىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بەزى نازارەتچىلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىدىن سۆز ئېچىپ تەھدىت سالسا، يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ چارىسىز ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى، ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇستىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، خەتەرلىك دەپ قارالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن ھەيدىگەن ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايرىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئۈرۈمچىدىن ھەيدەشكە قاتتىق مەجبۇرلانغانلار 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، بۇ ئەھۋالدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غايىبلار مەسىلىسىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىگە كەلگەن چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.