ياۋروپا موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى توقۇنۇشلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

ياۋروپا موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئىچكى موڭغۇللۇق ئۆكتىچىلەردىن شى خەيمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن يېقىنقى توقۇنۇشلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا چاقىردى.

ئۇ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى ھەقىقەتەن ئادالەتنى ھەقىقەتتىن ئىزدەيدىغان بولسا، بىتەرەپ خەلقئارا ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇپ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئاتالمىش توپىلاڭ ۋە ياكى تېررورلۇقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا يول قويۇشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە بەرگەن چۈشەندۈرۈشى ناھايىتى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بۇرۇن يۈز بەرگەن تۈرلۈك نارازىلىق ۋەقەلىرىنى بۇرمىلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن مىساللار بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

شى خەيمىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە راست تېررورچىلار بار بولسا، بىتەرەپ خەلقئارا ئۆمەكنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقىشىدىن قورقماسلىقى كېرەك.» بىراق، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا تەكشۈرۈشكە يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.