ياۋروپا بىرلىكى خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

ياۋروپا بىرلىكى سودا ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كارىل دىگاچ بۈگۈن گېرمانىيىدە چىقىدىغان ھاندەلبلات گېزىتىدە پىكىر بايان قىلىپ، ياۋروپا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭ چوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

كارىل دېگاچ سۆزىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە، سودا قىلىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپكە ئۆز بازارلىرىنى ئوخشاش كەڭلىكتە ئېچىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر بىر تەرەپ بازارنى ئېچىۋېتىپ يەنە بىر تەرەپ بازىرىنى ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن تارايتىۋالسا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارىل دىگاچ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئەركىن بازار پرىنسىپلىرىغا خىلاپ يوللار بىلەن سودىدا ئېكسپورتقا كەڭ يول ئېچىپ، ئىمپورتنى چەكلەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. كارىل سۆزىدە «بىزنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى قوزغاش نىيىتىمىز يوق؛ ئەمما سودا پرىنسىپىنى بۇزسا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن قانۇنىي يول بىلەن، بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىنى جازالايمىز» دېدى.

ياۋروپا بىرلىكى ئۆتكەن ئايدا، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پارقىراق قەغەزگە قويۇلىدىغان باجنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قەغەز سودىسىدىكى بىر قىسىم تەڭسىزلىكنى تۈزەتكەن؛ خىتايمۇ بۇنىڭغا قارشى قەغەز ياساشتا ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان كراخماللىق ماتېرىياللارغا قويۇلىدىغان باجنى ئاشۇرغان ئىدى.