ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەم ئامېرىكا لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 20-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىتالىيە ھەم فرانسىيە چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە لىۋىيىگە ھەربىي مەسلىھەتچى خادىم ئەۋەتىپ، ئۆكتىچى كۈچلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىتالىيە لىۋىيىگە 10 نەپەر ھەربىي مەشقاۋۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي مەشىقىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە تەرەپمۇ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن بايانات بېرىپ، لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە ھەربىي مەسلىھەتچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىمۇ بايانات بېرىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لىۋىيىدە ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن كازافىي ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتماقتا.