فون رومپۇي دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش بۇ ئۆلچەمنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئادۋوكاتلارنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشى، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىشى ۋە تۈرمىگە تاشلىشى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
رومپۇي باياناتىدا يەنە، «خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى قوغدايدىغان خەلقئارا كېلىشىملەرگە قول قويغان دۆلەتلەر. بىزنىڭ بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېگەن.
ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى يەكشەنبە كۈنى باشلانغان رومپۇينىڭ ئەتە يەنى سەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رومپۇي، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون خانىمدىن كېيىن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.
ئۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشى ئۇنىڭ خەلقئارا ئوبرازى ۋە كېلەچەكتىكى تەسىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
