رەھبەرلەر يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ياۋرۇ پۇل رايونىدا كۆرۈلگەن قەرز كرىزىسىنى جىددىي ھەل قىلىشقا چاقىردى.
ببچ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارا مالىيە فوندىنىڭ كەلگۈسى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن فوندى جەمئىيىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا يەنە سۈرىيە مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 18-ماي مېكسىكىدا باشلانغان بولۇپ، بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى.