ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قوللىدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - سېنتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ھېيدى ھائۇتالا رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر پارلامېنتتىكى زىيارىتى جەريانىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوللىدى.

ھېيدى ھۇئاتالاما سۆزىدە " مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ يەردە ھەر تەرەپتىن خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەۋجۇت" دەپ كۆرسەتكەن.

سەيشەنبە كۈنى بريۇسسېلدا زىيارىتىنى باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بريۇسسېلغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ زىيارىتى 5 - سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ.