ئاخباراتتا ياۋروپا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش رولىنى ئوينىشىنى تەلەپ قىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئاخباراتتا يەنە، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە چېتىلىپ سوتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن ئۇسۇللار بىلەن ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەسكەرتىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنى سولايدىغان "قارا تۈرمە" مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. لېكىن يېقىندىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي - ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي نەتىجىسى بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كىشىلىك ھوقۇقنى سودا بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مادرىدتىكى يىغىندا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ب د ت نىڭ "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى"نى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىش، بۇ مەسىلىدە رەسمىي ۋاقىت جەدۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەكىتلىگەن.