شۇنداقلا خىتاي، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك سەبداشلىق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيادا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكى ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي خىتاينىڭ بۇ قارارىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پولشانىڭ كوممۇنىزمغا قارشى قەھرىمانى لىچ ۋالىساغا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى پولشادا ئېچىلىدىغانلىقى، بۇ مۇراسىمغا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دالا لاما قاتنىشىدىغانلىقى ۋە پولشا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ مۇراسىمغا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نۆۋەتتكى رەئىسى ساركوزىينىڭ قاتنىشىدىغانلىقىمۇ بۇرۇنلا پىلانلانغان ئىدى.