خەۋەردە ياۋروپا كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر يۇقىرىقى چەكلەش قارارىدىن باشقا يەنە خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئالدىغا چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە بېلگىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپتىن كېلىدىغان بارلىق بوۋاقلار ۋە بالىلار يېمەكلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەش قارارىنى ئالغان.
يېقىندا، خىتايدا يۈز بەرگەن زەھەرلىك بوۋاقلار پاراشوكى شەرمەندىچىلىكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر خىل ساراسىمە پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت تەركىبلىك يېمەك لەرنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەش ۋە چەك قويۇش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى.