ياۋروپا رەھبەرلىرى بېيجىڭ يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى

ياۋروپا رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي جۈمە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان ئاسىيا - ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بەزى دۆلەتلەرگە خاس، يەنە بەزى دۆلەتلەر خالى نەرسە ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاسىيا ۋە ۋە ياۋروپادىكى 43 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىگە " بىز ھېچقانداق بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتكە تەلىم بەرمەسلىكى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز " دەپ تەكىتلىگەن فرانسىيە پرېزىدېنت ساركوزىي، "لېكىن بىز يەنە ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى بىر دۆلەتنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى بىلەن باغلىق ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇ يەر شارىدىكى ھەر بىر ئىنسانغا خاس بولغان ھوقۇقتۇر" دەيدۇ.

بېيجىڭدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ۋاقتى ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جياغا ساخاروۋ مۇكاپاتى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان كۈننىڭ ئەتىسىگە توغرا كەلگەن ئىدى. يىغىندا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى باروسسو يىغىندىكى ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. باروسسو مۇنداق دەيدۇ": كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىيلىققا ئىگە تەبئىي بىر ھوقۇقتۇر. بىزنىڭ ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىمىز بار .... بىز كىشىلىك ھوقۇقنى يەر شارى مىقياسىدا ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك."

بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى باشلانغان شۇ كۈنى فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى راما يادﯤ خىتاي دائىرىلىرىنى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ،خىتاي "جىنايەتچى"، دەپ ئەيىبلىگەن خۇ جيانى ئاقلاپ، " بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۇنداقلا ئۇ بۈگۈن قويۇپ بېرىلىشى كېرەك " دەپ ئەسكەرتتى. " خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار " دەپ تەكىتلىگەن راما يادﯤ " خىتاينىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ناھايىتى مۇھىم " دەيدۇ.

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا - ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسى مۇزاكىرە مەزمۇنى پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى كرىزىس، ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ھاۋا كىلىماتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى باروسسو كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.