ياۋروپا بىرلىكى مالىيە مىنىستىرى جېئان كلاۋدﯤ جۇنكېر، نۆۋەتتە ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە كۆرۈشۈشتىن كېيىن، چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا "خىتاي پۇلىنىڭ ھەقىقىي ئالماشتۇرۇش قىممىتى يەنىلا بازار نەرخىدىن تۆۋەن تۇرماقتا" دېگەن.
كلاۋدﯤ جۇنكېر يەنە، ياۋروپا بىرلىكىدىكى ئەللەرنىڭ خىتايدىن "ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەرتىپلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش"نى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كلاۋدﯤ جۇنكېر ئاخىرىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى ئۈستىدە توختىلىپ "خىتاي دائىرىلىرى بىزنىڭ قاراشلىرىمىزغا قوشۇلمايدۇ" دېگەن.
خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئوتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينى پۇل قىممىتىنى تەڭشەشكە قىستايدىغان بىر قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆز پۇلىنىڭ ئوبوروت قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق، غەرب ئەللىرىدە ئادالەتسىز سودا مۇھىتى شەكىللەندۈرگەن ۋە نۇرغۇن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولغان.