ياۋرۇپا پارلامېنتى خىتاينى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

پەيشەنبە كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇلار ليۇ شاۋبونىڭ تېنچلىقپەرۋەر بىر پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ليۇ شاۋبو ئۆتكەن دېكابىردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "پىتنە ‏- ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش" قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شياۋبو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يوللانغان "2008 نىزامنامىسى"نى تەييارلىغۇچى ۋە بۇنىڭغا قول قويغۇچىلارنىڭ بىرى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇنى قويۇۋېتىش چاقىرىقلىرىغا قارىماي، ليۇ شاۋبوغا 11 يىللىق تۈرمە جازاسى بېرىشى قاتتىق نارازىلىق ياراتقان ئىدى.