قاراردا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ئائىت دىلولاردا " خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئەقەللى ئۆلچەملەرگە ھۆرمەت قىلىش، جۈملىدىن ئەيىپلەنگۈچىنىڭ ئادىل سوتلىنىشى ۋە ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى"نى تەلەپ قىلدى.
قاراردا يەنە، "ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت ئېچىلغان ۋاقىتتىدىكى شەرت - شارائىت، بولۇپمۇ سوت تەرتىپى ۋە ئادىلانە سوتلۇنۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەرتىپكە بوي سۇنۇلغانلىقىدىن پەۋقۇلاددە ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە قاتناشقان 9 كىشى بىلەن، 2008 - يىلى لخاسادىكى "14 - مارت ۋەقەسى"گە قاتناشقان 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجىرا قىلغان ئىدى.
ياۋروپا پارلامېنتى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك باشقا دىلولارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشقا چاقىرىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارار كىشىلىك ھوقۋۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ياۋروپا زىيارىتىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، "بېيجىڭ كىشىلەرنىڭ ئەقەللى ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىنى بەرمەي ئۇلارنى قولغا ئالسا، سوتلىسا ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجىرا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك،" دىگەن.