يەكەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى 5.2 بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن

بۈگۈنكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە، يەكەندە 5-دېكابىر كۈنى كەچقۇرۇن يۈز بەرگەن 5.2 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى قىزىق مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان يەكەندە يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ «جۇڭگو ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزى يەكەن ناھىيىسى چارەك بازىرى 14-كەنتكە توغرا كەلگەن. يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرىگەن چاغدا ئېغىر سىلكىنىش بولغان. يەكەن ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى تۇرسۇن تۇراپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-دېكابىر ئەتىگەنگە قەدەر بولغان ئېنىقلاشتا، يەكەندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدىن 830 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 1247 ئۆيگە دەز كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.

تۈنۈگۈندىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتايچە تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن، يېڭى ئىرا قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە يەكەندىكى 5.2 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. بۇ مۇنازىرىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان خىتايدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى مەسخىرە قىلىنىپ، شۇنچە بايلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئەڭ نامرات ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىغا ئېچىنىش تۇيغۇلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.