كازافىي يەلتاپان بومبىسىنى چىقاردى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.08.17
2011.08.17
بۇ كۈنلەردە لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئىلگىرىلەپ لىۋىيىنىڭ پايتەختى ترىپولى شەھىرىگە 50 كىلومېتىر يېقىنلاپ كېلىپ قالغان ئىدى. كازافىي قىسىملىرى ئاتقان يەلتاپان بومبىلار قوزغىلاڭچىلارغا تەگمەي چۆل-جەزىرىدە پارتلىغان.
ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، كازافىي 1970-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 240 دانە يەلتاپان بومبا سېتىۋالغان، كېيىن يەنە شىمالى كورىيىدىنمۇ بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالغان ئىدى.
شوتلاندىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، كازافىينىڭ ھازىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى چىقىرىپ قوزغىلاڭچىلارغا قارىتىپ ئاتقانلىقى، كازافىينىڭ خۇددى ئۆيىدە ساقلاپ قويغان نازۇك چىنە-تەخسىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، تاش سېپىلغا ئېتىپ چاققانغا ئوخشاپ قالدى.