خىتايدا بەشىنچى ئايدا يېمەك باھاسى 11% ئۆرلىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا پۇل پاخاللىقى بۇلتۇرقىدىن 5.5 % ئۆرلىگەن. خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئاشكارىلىغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتايدا بەشىنچى ئايدا يېمەك باھاسى 11%, باشقا مال باھاسى 2.9%, تۇرالغۇ باھاسى 6% ئۆرلىگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقنىڭ ئىستېمال چىقىمى 11% ئۆرلىگەن. بۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا بەشىنچى ئايدا كىرىدىغان چەتئەل مەبلەغلىرى بىردىنلا ئازلاپ كەتكەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايغا كىرىدىغان چەتئەل مەبلەغلىرى 2008‏-يىلىدىن تارتىپ ئازىيىشقا باشلىغان، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغلەرنىڭ ئۆسۈمىنى ئۇدا تۆت قېتىم ئۆستۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ سەرپىياتى يەنىلا 13% ئۆرلەپ كەتكەن.

بۇ يىل بەشىنچى ئايدا، چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ ئازىيىش سۈرئىتى تېز بولغان. بۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى تېز تۆۋەنلەتمەكتە.