ئۆزىنى ئەل-قائىدىنىڭ يەمەندىكى ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان بىر كىشى بۈگۈن تېلېفون ئارقىلىق، «تەشكىلاتىمىز ھازىر شېيىخ ئوساما بىن لادېن ئۈچۈن، ئاللانىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا 2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئەل-قائىدىچىلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئافغانىستاندا ئەل قائىدىچىلەرگە قانات ياپقانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشقا چېتىلىپ قىلىپ، ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان تالىبانلارمۇ بۈگۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆز-ئارا خەۋەرلىشىپ، «ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى دەلىللەر تولۇق ئەمەس، ئوساما بىن لادېندىن ئەڭ خەۋەردار كىشىلەر بۇ ھەقتە ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگىچە، بۇ خەۋەرگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا پىكىرلىشىشكە باشلىغان.