يەمەندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش 5-كۈنىگە قەدەم قويدى

تۇنىس ۋە مىسىردىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئىلھام ئېلىپ قوزغالغان يەنە بىر ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يەمەندە داۋام قىلماقتا.

يەمەندىكى نامايىش بۈگۈن 5-كۈنىگە قەدەم قويدى. يەمەندىكى نامايىشچىلارمۇ دۆلىتىدىكى نامراتلىق، ئىشسىزلىق ۋە پارىخورلۇقتىن شىكايەتچى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن 3000 گە يېقىن نامايىشچى پايتەختتىكى سانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىن يولغا چىقىپ، شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان. بۇ جەرياندا 2000 گە يېقىن ھۆكۈمەت تەرەپدارى نامايىشچىمۇ شەھەر مەركىزىگە توپلانغان.

ئۆكتىچى نامايىشچىلار، قارشى مەيداندىكى نامايىشچىلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئەزالىرى ۋە پۇلغا سېتىۋېلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن، ياش ئاققۇزۇش گاز قوللانغان. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى غەۋغادا 3 نەپەر نامايىشچى يارىلانغان. نامايىشتا رول ئويناۋاتقان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن بىرى ئىسلامى ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسىدۇر.

پارتىيىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان تەۋەكۈل كارمان خانىم، نامايىشنىڭ مەقسىتىنى، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ھاكىمىيەت بېشىغا ئەكېلىش دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرى ھەرقانچە قاتتىق بولسىمۇ نامايىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت ئالىي ئابدۇللا سالىھ، نامايىشچىلارنى يەمەندىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ قوللاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇڭا ئۇ، يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ قارشى سەپكە ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

پرېزىدېنت ئالىي ئابدۇللاھ سالىھ، مىسىردا نامايىش قوزغالغاندا، ئۆزىنىڭ 2013-يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا نامزات بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مىسىردىكى ئوتنىڭ يەمەنگە تۇتۇشۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان ئىدى. ئەمما، نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر ئىچىدە، يەمەندىكى ھەرىكەتنىڭ نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز ۋە جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.

ئالدىنقى كۈنى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى تائىز شەھىرىدىمۇ 5000 كىشىلىك نامايىش يۈز بېرىپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ۋە كېسەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان. تۈنۈگۈن پايتەخت سانادىكى نامايىشتا، نامايىشچىلاردىن 120كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۇلاردىن 75 نەپىرى كەچكە يېقىن قويۇۋېتىلگەن.

28 مىليون نوپۇسقا ئىگە يەمەندە 30يىلدىن بېرى پرېزىدېنت ئالىي ئابدۇللاھ سالىھ ھۆكۈم سۈرمەكتە.