يەمەن پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئۇزۇنغا قالماي ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

يەمەننى ئۆتكەن 33 يىلدىن بۇيان سوراپ كېلىۋاتقان پرېزىدېنت ئېلى ئابدۇللاھ سالېھ ۋەزىپىسىدىن ئۇزۇنغا قالماي ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ شەنبە كۈنى دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە بەرگەن باياناتىدا: مەن ھوقۇق تۇتۇشنى ئەمدى رەت قىلىمەن، ئۇنى ئىزچىل رەت قىلىمەن ھەمدە ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە كۈندە ھوقۇق سەھنىسىدىن ئايرىلمايمەن، دېدى.

ئۆتكەن 9 ئايدىن بۇيان يەمەندە ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىش داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، پرېزىدېنت سالېھ نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمىگەن ئىدى.

يەمەندە ئۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش يەمەننى ۋە يەمەننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت كونتۇرلۇققىنى ئاجىزلاشتۇرغان.

ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي جەريانىدا ئۆكتىچىلەر ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش كېلىشىمى تەييارلىغان بولسىمۇ، سالېھ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى ئۈچ قېتىم رەت قىلغان ئىدى.

ئەگەر سالېھ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە، ئۇنىڭ ئۆتكەنكى 33 يىللىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلىدۇ.