ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تىنچ ۋە تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ نەچچە ۋاقتىن بېرى، ئۆزىنىڭ تاكى كېلەر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىغىچە يەنى 2013-يىلىغا قەدەر ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆكتىچى كۈچلەر پرېزىدېنت سالىھنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلغان ۋە تەختتىن دەرھال چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، پرېزىدېنت سالىھنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى مەيدانىدىكى بۇ تۈر يۇمشاش، يەمەن ئارمىيىسىنىڭ غوللۇق گېنېراللىرىدىن بىرى بولغان مۇھسىن ئەل ئەخمەرنىڭ نامايىشچىلار سېپىگە ئۆتۈپ كېتىشى سەۋەب بولغان.
ئالدىنقى كۈنى پرېزىدېنت سالىھقا ساداقەتمەن ساقچىلاردىن بىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ 50دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.
بۇنىڭ بىلەن گېنېرال مۇھسىن ئەل ئەھمەر ئۆزىنىڭ نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرۈپ، نامايىشچىلارنى قوغداش ئۈچۈن بىر قىسىم ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلىرىنى يېتەكلەپ نامايىشچىلار سېپىگە قېتىلغان. پرېزىدېنت سالىھ بۈگۈنكى سۆزىدە «يەمەننىڭ ھەربىي دائىرىلىرى ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولسا، ياكى يەمەندە بىر ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، بۇ يەمەندە ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى پرېزىدېنت سالىھنىڭ تەكلىپىنى رويتىرسقا ئاشكارىلىغان چېغىدا، نۆۋەتتىكى سائەتلەرنىڭ يەمەن ۋەزىيىتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ سائەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.