يەمەن پرېزىدېنتى نامايىشچىلارغا يېڭى ۋەدىلەرنى بەردى

يەمەن پرېزىدېنتى ئېلى ئابدۇللاھ سالېھ نامايىشچىلارغا يېڭى ۋەدىلەرنى بېرىپ، بۇ نۆۋەتلىك سايلام ئۆتكۈزۈلگىچە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقى، ئەمما ھوقۇقنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، يەمەندە نامايىش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر خەۋەرچىسى پرېزىدېنت سالېھنىڭ بۇ ۋەدىلەرنى يەمەندىكى ئىسلامچى «ئىسلاھ» پارتىيىسى رەئىسى مۇھەممەد ئەل يادومى بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى خەۋەرلەردە، پرېزىدېنت سالېھ ۋە باشقا پارتىيىلەر ئارىسىدىكى كېلىشىملەرنىڭ يەمەندە نامايىش قىلىۋاتقان «ياشلار ئىنقىلابى» نىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يەمەننىڭ سانا شەھىرىدە نامايىش قىلىۋاتقان ياشلار چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلىپ قىلىپ، سالېھ تەختتىن چۈشمىگۈچە بولدى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.